2014维语翻译招生简章
发布时间:2014-04-04 浏览次数:
 
 كومپىيوتېر ئىلمىي تېخنىكا ئىنىستېتوتىنىڭ 2014-يىللىق ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى

كومپىيوتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرىسىتېتى نۇقتىلىق تەسىسس قىلغان پەن تۈرى بۇلۇپ، 20يىلغا يىقىن قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى، ئوقۇتۇش سۈپىتى، ھەمدە پەن-تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كومپىيوتېر تېخنىكىسى كەسپى خادىملىرى تەربىيلەش نوقتىلىق بازىسى بولۇپ كەلدى.

. ھازىر ئىنىستېتوتىمىزدا43نەپەر ئوقۇتۇش –پەن تەتقىقات خادىمى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاسپىرانت يېتەكچىسى12نەپەر، پروفېسسور 5نەپەر، دوتسېنت10 نەپەر، دوكتور8نەپەر، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار 7نەپەر.5نەپەر پروفېسسور خۇادۇڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرىسىتېتى ئۇچۇر ئىلمىي تېخنىكىسى ئىنىستېتوتى قوللىنىشچان كومپىيوتېر يۈنىلىشنىڭ تەكلىپلىك ئاسپىرانت يىتەكچسى.

بۇ پەن تۈرى چىڭخۇا ئۇنۋېرىسىتېتى ،جۇڭگۇ پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرىسىتېتى،بېيجىڭ تەبئىي پەنلەر ئۇنۋېرىسىتېتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىسىتېتى ،خۇادۇڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرىسىتېتى ھەمدە خاربىن سانائەت ئۇنۋېرىسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن ياخشى بولغان ئۆز-ئارا پەن تۈرى ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

 يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، 70دىن ئارتۇق ھەرخىل تەتىقات تېما تۈرى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئومومىي تەتقىقات خىراجىتى 6 مىلىيون180مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 973 دەسلەپكى مەزگىللىك تەتقىقات تۈرىدىن بىرى، دۆلەت تەبئىي پەن فوندى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن15، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەتقىقات تېمىسى30زى بار. ئېلان قىلغان ئېلمىي ماقالە 300پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ ،70پارچىسى نۇپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، 28 پارچىسى قۇرۇلۇش ئىندېكىسې(IE)غا كېرگۈزۈلۈپ، بىرقىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى.ئىنىستېتوت ئوقۇتقۇچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن ھەرخىل تۈردىكى مۇكاپاتلار 30، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇكاپاتلار 17. تۈر تۇرغۇزۇلغان ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىك تۇرىدىن سى1، مەكتەپ دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىكتىن 4ى بار. ئۇنڭدىن باشقا ئىنىستېتوتىمىزدىن 11دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ‹‹ئەمگەك نەمۇنىچىسى››، ‹‹ ئوقۇتۇش ئۈلگىسى››، ‹‹ ئىلغار ئوقۇتقۇچى ›› قاتارلىق شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا 12تۇردە ئىلغار ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدە يۇقىرى تەسىر دائىر پەيدا قىلدى. ھازىر ئىنىستېتوتىمىزدا مەكتەپ دەرىجىلىك نوقتىلىق تەجىربىخانا، مەكتەپ دەرىجىلىك نوقتىلىق  پەن، ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تەجىرىبىدە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى، مەكتەپ دەرىجىلىك تەجىربىدە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى ھەمدە كەسىپ بويىچە ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەشتە ئىھتىياجلىق بولغان كومپىيوتېر يۇمشاق دېتال تەجىربىخانىسى، كومپىيوتېر تور قۇرۇلۇشى تەجىربىخانىسى، كومپىيوتېر تور كېلىشىم ئانالېزى تەجىربىخانىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەجىربىخانىسى، كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى تەجىربىخانىسى، كومپىيوتېر تۈزۈلۈشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەجىربىخانىسى ۋە ‹‹تور بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت پىكىرى ئانالېزى››تەجىربىخانىسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسۋاب-ئۈسكىنىلەرنىڭ ئومومىي قىممىتى 7مىلىيون640مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ماتىرىيال بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاپ ھەمبەھىرلىنىدىغان خۇسۇسىي بۇلۇت مۇلازىمىتىرى ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق پاراللېل ھېسابلاش تەجىرىبىخانىسى، ھەم شىنجاڭ خۇڭلىيەن شىركىتى، گۇڭجۇڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى،شىلىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى،غەربىي شىمال يۇلتۇزى شىركىتى قاتارلىق كۆپلىگەن شىركەتلەر بىلەن بىرلەشمە تەجىرىبىخانا ۋە تەربىيلەش بازىلىرىنى قۇرۇپ، كومپىيوتېر كەسپى ئىختىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئەلا شارائىت ھازىرلىدى.

كومپىيوتېر ئىلمى تېخنىكىسى ئىنىستېتوتى ئوقۇتۇش،تەتقىقات ۋە تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ خۇڭلىيەن ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى،شىنجاڭ گۇڭجۇڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپ تىللىق تەتقىقات تۈرلىرىنى تاماملىدى. ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە بېيجىڭ تەبىئي پەن ئۇنۋېرىسىتېتى،غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلەت تەبئىي پەن فوندى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى تاماملىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە تەبئىي پەنلەر ئاكادىيمىسىي شىنجاڭ تەبىئي پەنلەر تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىكتە كېلىشىم ئىمزالاپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇھىم تەتقىقات تۈرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تىل بايلىقى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

كومپىيوتېر ئىلمىي تېخنىكىسى ئىنىستېتوتى 1997-يىلى كومپىيوتېر ئىلمي ۋە تېخنىكىسى كەسىپى بۇيىچە پۈتۈن كۈنلۈك تۇلۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان بۇلۇپ، ھازىر كومپىيوتېر ئىلمي تېخنكىسى، يۇمشاق دىتال قۇرۇلۇشى ۋە تور قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ كەسىپ بۇيىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 400دىن ئاشىدۇ.بۇ ئىنىستېتوت يەنە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇچۇر-تېخنىكا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش ۋەزىپىسى ۋە دۆلەتلىك تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چوڭلار مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرى 260دىن ئاشىدۇ. ئىنىستېتوت 2004-يىلدىن باشلاپ ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيلەش خىزمىتىنى باشىلىغان بۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم كومپىيوتېر ئىلمي تېخنىكا دەرىسلىك ۋە ئوقۇتۇش نەزەرىيسى، كومپىيوتېر تىلشۇناسلىقى  ھەمدە بىئولوگىيە ئۇچۇرلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق بىر قانچە يۆنىلىشلەردە ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ. ئىنىستېتوت قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە تۇلۇق كورس ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مائارىپ تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلدى.

نۆۋەتتە،كومپىيوتېر ئىلمىي تېخنىكا ئىنىستېتوتىدا تولۇق كۇرس كەسىپىدىن  كومپىيوتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى(پېداگوگىكا تۈرى بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان  ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن)،  كومپىيوتېر ئىلمىې ۋە تېخنىكىسى(قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال) ۋە تور قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەر تەسسىس قىلىنغان .

كومپىيوتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى(پېداگوگىكا خاراكىتىرلىك)

تەربىيلەش نىشانى ۋە ئېشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىبۇ كەسىپ ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەڭ تەرەققىي قىلغان ،  كومپىيوتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسىنى يەنى كومپىيوتېر قاتتىق –يۇمشاق دېتاللىرى  ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىشتىكى ئاساسىي نەزەرىيە ، ئاساسىي بىلىم ، ئاساسىي ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى ئىگەللىگەن، پروگرامما لايىھىلەش ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، تور تېخنىكىسى، كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، بىلىم بېرىپ ئادەم يەربىيەلەيدىغان ياخشى ساپا ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان.  ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىيى ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كومپىيوتېر دەرسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى دەرسى  ئوقۇتچۇچىسى، مەكتەپ تورىنى باشقۇرۇش، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لاھىيلەش ۋە ئېچىش، مائارىپ بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش ۋە  قۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرپېداگوگىكا، پسىخولوگىيە، دەرس ۋە دىداكتىكا، C تىلىدا پروگرامما لايىھىلەش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش، تور بەت ياساش، كومپىيوتېر قوراشتۇرۇش ۋە ئاسىراش، دىسكرت ماتېماتىكىسى، رەقەم لوگىكىسى، كومپىيوتېر تۈزۈلۈش پرىنسىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىرىنسىپى، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش، تەتەھرىرلەش پىرىنسىپى، كومپىيوتېر تور تېخنىكىسى، كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى قاتارلىقلار دەرسلەر تەسسىس قىلىنغان.

يۇمشاق دىتال قۇرۇلۇشى كەسپى

تەربىيلەش نىشانى ۋە ئېشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىبۇ كەسىپ ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەڭ تەرەققىي قىلغان، ياخشى ئىلمىي ساپا يېلدۈرۈشنى، كومپىيوتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسىدىكى ئاساسلىق نەزەريىە ، بىلىم ، ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى سېستىمىلىق ۋە  ئەتراپلىق  ئېگەللىگەن، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئېگە بولغان  يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىلمىي تەتقىقات  قاتارلىقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلاردا كومپىيوتېر ئىلمىي تەتقىقاتى، يۇمشاق، قاتتىق دېتال ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى ئاسىراشنى باشقۇرۇش، مائارىپ تەربىيىسى، مەكتەپ تورىنى كېڭەيتىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر قوغداش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كىلىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرC\++C تىللىرىدا پروگرامما لاھىيلەش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، ھېسابلاش لاھىيسى ۋە ئانالىزى، دىسكرت ماتېماتىكىسى، سانلىق رەقەم لوگىكىسى، كومپىيوتېر تۈزۈلۈش پرىنسىپى، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش،مىكرو كومپيۇتېر پىرىنسىپى ۋە ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىرىنسىپى، تەرجىمە پىرىنسىپى، كومپىيوتېر تور تېخنىكىسى، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى، يۇمشاق دېتال ئۆلچەش، سخېما لاھىيلەش، يۇمشاق دېتال تۈرى باشقۇرۇش قاتارلىقلار .

تور قۇرۇلۇشى كەسپى

تەربىيلەش نىشانى ۋە ئېشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىبۇ كەسپتىكى ئوقۇغۇچىلار ياخشى بولغان تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىىي پەن بىلىملىرى ئاساسىدا،  سېستىمىلىق ھالدا كومپىيوتېر ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى ، تور قۇرۇلۇشى لاھىيلەش، تور كېلىشىمى ئېچىش ۋە قوللىنىشنىڭ ئاساسىي  نەزەرىيە ۋە بىلىملىرىنى ئېگەللەش ئارقىلىق، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارى ۋە بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، تور سېستىمىسى پىلانلاش  ۋە لاھىيلەش، تور ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىش،تور ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تور كېلىشىمى ئېچىش، قىستۇرۇلما شەكىلدە ئېچىش قاتارلىق تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان  تور قۇرۇلۇشى مەخسۇس كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيلەپ چىقىشنى نىشان قىلىدۇ.

بۇ كەسىپتە، تور سېستىمىسىنى توپلاشتۇرۇش، تور يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىش، قىستۇرما شەكىلدە ئېچىش قاتارلىق  ئۈچ يۆنىلىش  تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، تور سېستىمىسىنى توپلاشتۇرۇش  يۆنىلىشى  كومپىيوتېر تور سېستىمىسىنىڭ  ئاساسلىق نەزەرىيسى ۋە  تور قۇرۇلۇشى  ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسىنىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك  تور  قۇرۇلۇشى  تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مۇھىم نوقتا قىلغان .

تور يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىش يۆنىلىشى  بولسا، سېستىمىلىق ھالدا كومپىيوتېر تورى يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى، ئاساسىي ئۇسۇللىرى ۋە ئاساسىي ماھارەتلىرىنى ئېگەللىيەلەيدىغان، JAVA،.NET قاتارلىق ئېچىش  قوراللىرى  ۋە مۇھىتىنى پۇختا ئېگەللىگەن ، كومپىيوتېر تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرىنى ئانالېز قىلىش، لاھىيلەش، ئېچىش ۋە سىناق قىلىشنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى  مەخسۇس كەسپىي ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەشنى ئاساس قىلىدۇ.

قىستۇرما شەكىلدە ئېچىش يۆنىلىشى  ئوقۇغۇچىلاردا  قىستۇرۇلما سېستىما قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەر خىل قىستۇرۇلما سېستىما ئېچىش  تېخنىكىسى، تەڭشەش ۋە سىناش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار قىستۇرۇلما سېستىما يۇمشاق دېتالى ئېچىش ئىقتىدارى  ۋە  مۇئەييەن دەرىجىدىكى قاتتىق دېتاللارنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى  ھازىرلايدۇ.

بۇ كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا  تور سېستىمىسىنى توپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، كومپىيوتېر ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىش، كومپىيوتېر تور كېلىشىملىرىنى قوللىنىش ۋە ئېچىش، قىستۇرۇلما سېستىما ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە كومپىيوتېر تورىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، شۇنداقلا مۇشۇ كەسىپ ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە  ئاسپىرانتلىقتا ئۆرلەپ ئوقۇشقا ماس كىلىدۇ.

ئاساسلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلەردىسكرت ماتېماتىكىسى، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، تەھرىرلەش پرىنسىپى، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما لاھىيلەش، مىكرو كومپىيوتېر پرىنسىپى ۋە ئۇنى قوللىنىش، كومپىيوتېر تۈزۈلۈش پرىنسىپى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پرىنسىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى، كومپىيوتېر تورى پرىنسىپى، تور تۈزۈش پرىنسىپى، تور باشقۇرۇش، تور پروگراممىسى تۈزۈش، Unix/Linux مەشغۇلات سېستىمىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، تور-ئالاقە كېلىشىمى ئانالېزى ۋە ئۇنى قوللىنش، قىستۇرۇلما سېستىما ئېچىش، قىستۇرۇلما سېستىما قۇرۇلمىسى، سىمسىز تور تېخنىكىسى ۋە ئۇنى ئېچىش، يۇمشاق دېتال ئۆلچەش ۋە تۈر باشقۇرۇش،  WEB تېخنىكىسى قاتارلىقلار .